مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد سودا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.06.28 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆزئارا تەقدىرداش ۋە بىر نىيەت-بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلار، ياخشى شېرىكلەر، ياخشى قېرىنداشلاردۇر. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دەۋر ئېقىمى ۋە ئۆز تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى تەرەپ خەلقىگە كەڭ كۆلەمدە نەپ يەتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 9-ئايدا، مەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدىم. بۇنىڭدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىغا سۇپا ھازىرلاپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسىدە، ئوتتۇرا ئافرىقا ھۆكۈمىتى، يەرلىكلەر، ئاقىللار ئامبىرى، كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىلدى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ «سەككىز چوڭ ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەمكارلىقنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ