شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنشىش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە يېتىپ باردى

2019.06.28 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابېشىنزونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 27 -كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئوساكاغا يېتىپ باردى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئوساكا كانشى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئوساكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا كۈتۈۋالدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىرگە يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇڭ شۈەنيۇمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 6-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنى ئوساكادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە بولغان كۆزقارىشى ۋە تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەيدۇ. يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-رۇسىيە-ھىندىستان رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىدۇ ھەمدە بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشىدۇ.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ27- ئىيۇن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابېشىنزونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 27 -كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئوساكاغا يېتىپ باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ