مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش

− جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىيزا باغدۆۋلېت توغرىسىدا

2019.06.30 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى خەن لىڭ

  جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتى «جۇڭگو - قازاقىستان چېگراسىدىكى 1- كەنت» دەپ ئاتالغان، چۈنكى بۇ يەر قازاقىستانغا ئەڭ يېقىن كەنت. كەنت چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىگە دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان، قويۇق «چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەدەنىيىتى» بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە ئايلانغانىدى.

  «ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە باغلانغان رىشتى بۇرۇنلا مېنىڭ قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن، مەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ قولىدىكى <كۈچ ئۇلاش كالتىكى>نى ياخشى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يۇرت - ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمەن» دېدى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى سارى ئۆلەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىيزا باغدۆۋلېت مۇخبىرلارغا.

  ■ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىش

  رىيزا قابىلىيەتلىك، قىزغىن بولۇپ، گەپ قىلغاندا چىرايىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەبەسسۇم چىقىپ تۇراتتى. قارىماققا ئاجىز كۆرۈنىدىغان بۇ ياش ئايالنىڭ چېگرادىكى دەريا بويىدا ئون يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى، 82 ئائىلىدىكى 273 چارۋىچىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس ئىدى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: <كۈرەش قىلىش ياشلىقنىڭ ئەڭ يارقىن سىيماسى>، ئاساسىي قاتلامدىكى ياش كادىرلار قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىشى كېرەك.» بۇ سۆزنى رىيزا دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، رىيزا يۇرتىغا قايتىشنى تاللىدى. 2010- يىلى، ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى» ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، سارى ئۆلەڭ كەنتىگە تەقسىملەندى.

  رىيزانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دەسلەپتە كەنتنىڭ ئەھۋالىنى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەچكە، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەن. شۇ كۈنى كېچىدە ئۇ قاتتىق يىغلىغان، ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى ئوبدان ئويلىغاندىن كېيىن، ياخشى ئىشلەش ئىرادىسىگە كەلگەن.

  رىيزا كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ قوتانلارغا كىرىپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپ، كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىگىلىدى. پىششىق بىلمەيدىغان ئەھۋاللارنى ئۇ كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ سورىدى. تەرەققىيات پىكىر يولىنى تاپالمىغاندا، ئۇ قوشنا كەنتلەرگە بېرىپ تەجرىبە ئۆگەندى. رىيزانىڭ ئۆيى سارى ئۆلەڭ كەنتىگە 15 كىلومېتىر كېلەتتى، ئۇ توكسىكلىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئەتىگەندە ئۆيىدىن چىققاندا ئەتكەنچاي، نان ئېلىۋالاتتى، چۈشتە ھېرىپ قالسا، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئۈستەل - ئورۇندۇقلىرىدا بىردەم مۈگدىۋالاتتى، بەزىدە يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش بولۇپ كەتسە، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆيىدە ئارام ئالاتتى.

  ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. ئۈچ ئايدىن كېيىن، پۈتۈن ناھىيە بويىچە تەشكىللەنگەن يېزا - بازارلارنىڭ يېرىم يىللىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا، سارى ئۆلەڭ كەنتى ئۈچ ئاي ئىلگىرىكى كەينىدىن سانىغاندا 1- ئورۇندىن ئالدىدىن سانىغاندا 1- ئورۇنغا ئۆتتى.

  «شۇ كۈندىن باشلاپ، مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان بولدۇم» دېدى رىيزا.

  ■ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش داۋامىدا چېنىقىش

  2015- يىلى 5- ئايدا، رىيزا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، يېپيېڭى خىزمەت ئورنى ئۇنىڭدىن جەزمەن بىر قارارغا كېلىش، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىلگىرى، سارى ئۆلەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز ئىدى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى بىرمەھەل بىر ئىزدا توختاپ قالغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرى بىرقەدەر كۆپ ئىدى. رىيزا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە ئاممىنىڭ تەكلىپلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلاپ، بەنزىنىڭ ئىش تەقسىماتىنى تەڭشەپ، مەسئۇلىيەت - ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەنزىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  ئىلگىرى كەنتنىڭ يوللىرى ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، 2016- يىلى، رىيزا كەنتتىكى 12 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى يېتەكلەپ سېمونت، قۇم سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرى قول سېلىپ 13 كىلومېتىر يولنى تۈزلىدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشى مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، رىيزانىڭ نەزەرىدە ھەممىسى چوڭ ئىش، جىددىي ئىش ھېسابلىناتتى. ئۇ دائىم: «مەن كومپارتىيە ئەزاسى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم كېرەك» دەيتتى.

  ھەربىر كىچىك ئىش، ئەمەلىي ئىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى تىكلەندى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 2016- يىلى، سارى ئۆلەڭ كەنتى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى بىرىنچى تۈركۈمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنتكە ئايلاندى.

  شۇ يىلى، كەنتتە نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، رىيزا يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت قىياپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  ■ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى كۈنلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش

  كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، رىيزا مەۋقەنى كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىغا قويۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزدى. ئۇ بالىسىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى كۈنبويى ئېتىز - ئېرىق بېشىدا چېپىپ يۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى 1350 مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يەرنى ئوبوروت قىلىشقا ھەم جېمىنەي پورتىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  بۇ يىل 6- ئايدا، ساياھەت ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، رىيزا كوچىمۇكوچا ئارىلاپ، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە تەرجىمان بولدى، بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرگە كەنتنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.

  «بۇ بىرنەچچە كۈندە كەنتىمىزگە 1000غا يېقىن ساياھەتچى كەلدى، كەنت ئاھالىلىرى مىللىي خاسلىققا ئىگە ناخشا - ئۇسسۇللارنى ئورۇنلاپ، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىپ پۇل تاپتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن خۇشال.» بۇ نەچچە كۈندە ئېرىشكەن ھاسىلاتلارنى تىلغا ئالغاندا، رىيزانىڭ چىرايىدىن كۈلكە ياغدى.

  بۇ يىل، سارى ئۆلەڭ كەنتى يەنە دېھقانلار ئارامگاھىدىن بەشنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، 23 ئائىلىلىكنى تاللاپ چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا كەنتتىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تىلغا ئالغاندا، رىيزانىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  2015- يىلى، سارى ئۆلەڭ كەنتى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. رىيزا كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى كۆرگەزمە زالى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، ساياھەت مۇلازىمەت نۇقتىسى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن قۇردى، كەنت قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىل مەدەنىيەت، ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، مىللىي خاسلىققا ئىگە ساياھەت كەنتى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «گۈزەل كەنت قۇرۇش، ساياھەت تامىقى يېيىش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش»تىن ئىبارەت بىر بېيىش يولىنى ئاچتى.

  قىيلىمقان ئاقاتالىنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى، قىيلىمقاننىڭ خوتۇنى تاماققا ئۇستا بولغاچقا، رىيزا ئۇنى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى. رىيزانىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر قىيلىمقاننىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  رىيزا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم كەنت ئاھالىلىرىنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ