مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈردى

2019.07.03 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا كارخانا، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنى بېكىتتى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆسۈش سەۋىيەسى 2018-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى %5 ئەتراپىدا بولۇپ، بىر مىليون 420 مىڭدىن ئارتۇق پېنسىيەگە چىققانلار بۇ سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىلىدىكى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى بىرلىشىپ تارقىتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەمدە ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالغان كارخانا، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بېكىتتى.ئۇنىڭدا، ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسىنى 2018-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تەخمىنەن %5 ئەتراپىدا قىلىپ تەڭشىدى. تەڭشەش ۋاقتى 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىپ، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە تەڭشەش سوممىسى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 26 مىڭ 500 كىشى، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان 400 مىڭ 300 كىشى نەپكە ئېرىشىدىكەن، دېمەك، پېنسىيەگە چىققان جەمئىي 1 مىليون 426 مىڭ 800 كىشى نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۈن جەنشۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشتە نورمىلىق تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»تەك تەڭشەش چارىسى قوللىنىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ نورمىسىنى تەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولۇپ، ئېيىغا ئوتتۇرىچە 55 يۈەن كۆپەيدى؛ يەنە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئويلىشىپ، ھەمدە يېشى چوڭىيىپ پېنسىيەگە چىققانلار ۋە جاپالىق چەت-ياقا رايونلاردىكى پېنسىيەگە چىققانلار قاتارلىق تۆت خىل خادىملارغا سىياسەت جەھەتتىن مايىللاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش پۇلى كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيان كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇدا 15-يىل تەڭشىشى، ھەم شۇنداقلا 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇدا تۆتىنچى يىل ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ