مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ يىل ئىچىدە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 53 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

2019.07.04 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر لى لىننىڭ 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا ئۈچ يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 4 مىليارد 68 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. نەتىجىدە، سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەنلەر 53 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش «داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى ۋە «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلانغان. بۇ يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تۆتىنچى يىل قانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جوۋ مېيلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يېزا ۋە كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەش، نەق مەيداندا نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش تېخنىكىسى ۋە تەسۋىرىي سۈرەت تېخنىكىسى كەم بولۇش، لابوراتورىيە خادىملىرى قىس بولۇش ۋە ساپاسى يۇقىرى بولماسلىقتەك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا-بازارلىق شىپاخانىلار ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىي 553 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چوڭ تىپتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن 7269نى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %89.59كە يەتكەن، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %89.97كە يەتكەن، يېزا-بازارلىق شىپاخانىلاردىكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغانلار ۋە جىددىي قۇتقۇزۇلغانلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، يېزا-بازارلىق شىپاخانىلاردىن 130ى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدىن 14ى دۆلەت تەرىپىدىن «ئامما رازى بولغان يېزا-بازارلىق شىپاخانا»، «ئەلا مۇلازىمەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى» بولۇپ باھالانغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغان. ھەرقايسى جايلار دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئويلىشىپ، مۇۋاپىق تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش «ئىككىلىسى دەخلىگە ئۇچرىماسلىق»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان. ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە توپقا، كۆچمە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرغان. ھەرقايسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا يەنە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېتەكلەش بەلگىلىرى تەسىس قىلىنىپ، يېتەكلىگۈچىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەم ئاچ قورساق سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان ئامما ئۈچۈن ئوزۇقلۇق تاماق تەييارلاپ بېرىلگەن.

  جوۋ مېيلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش سۈپىتىنى كونترول قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي خادىملارنى سۈپەتنى كونترول قىلىش بويىچە تەربىيەلەش زورايتىلىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، سۈپەتنى كونترول قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىل، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇپىسى قوزغىتىلىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىكى سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرۈش بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە خەلققە قولاي مۇلازىمەت زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەندى، ھەرقايسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى سالامەتلىك تەكشۈرمەكچى بولغانلارنى سالامەتلىك تەكشۈرۈش يېتەكلىگۈچىلىرى، ھەقسىز ناشتىلىق ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش دەم ئېلىش رايونلىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قولايلاشتۇردى. چەت-ياقا يېزا-كەنتلەر ۋە تاغلىق رايونلاردىكى ئاھالىلەر، مەكتەپلەردىكى (ئالىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە توپقا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋاقىتلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشىغا ئاسانلىق يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ