مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىن«سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى»نى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىشىش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى

2019.07.04 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3- چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن«سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى»نى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىشىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

  پۇتىن 5- ئاينىڭ 30- كۈنى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى)غا «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى»نى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىشىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تاپشۇردى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) ئالدىنقى ئايدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسىدە يەنە رۇسىيەنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى»نى ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى دۆلەت باشلىقى چىقىرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو بۇ يىل 2- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەنى« سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئۇزۇن مۇددەت خىلاپلىق قىلغان، دەپ قاراپ، ئامېرىكا شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، ھەمدە شەرتنامىدىن چېكىنىشتىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتلىق پىلاننى ئالتە ئايغىچە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي چېكىنىش رەسمىيىتىنى ئىجرا قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. 3- ئاينىڭ 4- كۈنى پۇتىنمۇ بۇنىڭغا قارىتا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى»نى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 1987- يىلى« سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى» ئىمزالاشقان ئىدى. شۇ شەرتنامىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇقلۇقتىكى بازىلاردىن قويۇپ بېرىلىدىغان ۋە يېتىپ بېرىش مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ھەمدە ئۇنى قويۇپ بېرىدىغان قۇرۇلمىلارنى ساقلاپ قالماسلىق، ئىشلەپچىقارماسلىق ياكى سىناق قىلماسلىق قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ