مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلىنىڭ ماروژنىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ بازارلارغا بۆسۈپ كىردى

2019.07.03 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق تومۇز ئىسسىق ھاۋانىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزىسى دۇڭلياڭ كەنتى دۇڭلياڭ كوچىسى 5- كوچا 31- نومۇرلۇق ھويلا ئادەتتىكىدىن كۆپ قىزىپ كەتتى. كەنت ئاھالىسى ئەمەتجان ئابدۇرېھىم ئەتىگەندىلا ئىشچىلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار بۈگۈن مال زاكاز قىلغان خېرىدارلارغا بىر توننىدىن ئارتۇق ماروژنى تەييارلىماقچى بولدى.

  ئەمەتجاننىڭ ياسىغان ماروژنىسى بولسا، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز جايىدىكى يېڭى سۈت، تۇخۇم ۋە ئاق شېكەرنى تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ياسالغان، تەمى ساپ ۋە تاتلىق بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە بازىرى ئىتتىك بولۇپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، شەندۇڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە ۋېنجۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگىمۇ سېتىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ