مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى ۋە نومۇر چېكى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 10 دا ئېلان قىلىنىدۇ

2019.07.05 16:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خىزمەت تەرتىپى بويىچە، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق 2019-يىلى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپى، ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىشنى كونترول قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى، ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىدىكەن ھەمدە «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى»نى رەسمىي تۈردە ئېچىۋېتىدىكەن.

  2019-يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئورنىنى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى سۈرۈشتۈرسە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئارزۇ تولدۇرۇشنى تاماملىسا بولىدىكەن.

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: http://www.xjzk.gov.cn

  شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» (يەنى新疆招生) ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارى ئارقىلىق ئالاقىدار سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىغا دىققەت قىلىشىنى سورايدۇ: xjzs140304

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ