مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسىلىلەرنى توغرا كۆزىتىش ئارقىلىق پەرقلەرنى تېپىش كېرەك

___ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.04 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، مۇھىمى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتالايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىم پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما قىلىنغان تەربىيەدە، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى. تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەسىلىلەرنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆزىتىپ، ئۇنى نەزەرىيە ئۆگىنىش، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ ئىلگىرى سۈردى.

  مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش، خاتالىقنى تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرگە ئاتلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ جاراھەتنى داۋالايدىغان جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەس غەيرەت بىلەن قەتئىي تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەمىزنى تىرىشىپ تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە پارتىيەنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىمالى بار بولغان مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، پارتىيەلىك كادىرلارغا پىچاقنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدىغان روھ بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل كۆزىتىپ قايتا ئويلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە تەدبىرلەرنى ياخشىلاش كېرەك.

  گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ قايتا ئويلانغاندا، كەڭ دائىرىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆپ ھاللاردا خەلق ئاممىسى ناھايىتى ئېنىق كۆرىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ئۆزگەردىمۇ-يوق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىدىمۇ-يوق؟ ئامما باھالاش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناش كېرەك. بىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بارماي، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. پىكىر بايان قىلىش يولىنى كەڭ ئېچىپ، يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، خىزمەت مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاڭلاپ، ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق توپلاپ، ئىنكاس قىلىش كېرەك، ئۆز ئەينى بويىچە ئىنكاس قىلىش كېرەك، ئەلگەكتە سۈزۈۋېلىپ ئىنكاس قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ئارا، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن مەسئۇل تارماقتىكى مەسئۇل يولداشلار ئوتتۇرىسىدا سىردىشىش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاش كېرەك.

  تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈن نەشر قىلىنغان باش بېتىدىن كۆرۈڭ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ