6-ئاينىڭ 30-كۈنى، مىسىر قاھىرەدە، تاماشىبىنلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كىنو كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن «سەرگەردان يەر شارى» ناملىق فىلىمنى كۆردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كىنو كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى، جۇڭگونىڭ ئالتە كىنوسى قاھىرە، ئىسكەندەرىيە قاتارلىق شەھەرلەردە قويۇلىدۇ. جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى كىنو كۆرگەزمىسىدە «سەرگەردان يەر شارى»، «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى»، «ئا تەرەپ ب تەرەپ» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئالتە مۇنەۋۋەر فىلىم قويۇلىدىكەن، تاماشىبىنلار بۇ كىنولار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنەلەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ