مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدە تېخىمۇ كۆپ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رىقابەتلىشىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى كۈچەيتىلىپ، بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىش چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىنىدۇ

2019.07.04 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇل، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تېخىمۇ زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش مۇستەقىل ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشىغا مەدەت بېرىلدى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ ئىنقىلابىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، تاشقى سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھەر قايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى «باشلامچى» بولۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، مەۋقەنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يەنىمۇ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش، ئۈزلۈكسىز ئېچىۋېتىش، ئېچىۋېتىشنى زورايتىش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاشقا مەدەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبە-ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ