خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرىيە ھەربىي تەرەپ 1- ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنى سەھەردە سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نۇرغۇن ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 1- ئىيۇل سەھەردە، گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى دەمەشىقتە غايەت زور پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن زور مىقداردىكى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ باردى، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا پات-پات قويۇپ بېرىلىدىغان نەرسىلەر ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى لىۋان ھاۋا تەۋەلىكىدىن سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ۋە سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومىس ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ھەربىي نىشانلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، سۈرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توسۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر نەچچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ