تاغ ئىچىدە ئەمىن تاپقۇزۇش كاپالەتكە ئىگە بولدى

2019.07.03 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئايكېرەك كەنتى 3-كىچىك ئەترىتىدىكى ئايشەمگۈل مىرمەمەت ئەمىن ئۆيدە مېھمانلارنى كۈتمەكتە (17-ئىيۇن فوتوسى). ئۇنىڭ ئائىلىسى 2018-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن يىراق. ئۇزۇندىن بۇيان تەبىئىي، قاتناش قاتارلىق ئامىللار بىلەن چەكلىنىپ، تۇرالغۇ شارائىتى ناچار بولۇش شۇ جايدىكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېتىشسىزلىك بولۇپ قالغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى گۈزەل ھويلا-ئارام، ئۆلچەملەشكەن قوتان قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. بۇ ناھىيەنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھازىرغا قەدەر داتۇڭ يېزىسىدا 452 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، بارلىق دېھقان ئائىلىلىرى بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ