«تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»دە يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو ساقچى تەرەپ فىرانسىيەدىن بىر جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ كەلدى

2019.07.04 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  3-ئىيۇل، جىنايەت گۇماندارى جاۋ xx ساقچىلار تەرىپىدىن يالىنىپ، دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

  شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ «تۈلكە ئوۋلاش» خىزمەت گۇرۇپپىسى فىرانسىيە ئەدلىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ياردىمى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، شۇ كۈنى فىرانسىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەستىقلىغان، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بىر جىنايەت گۇماندارىنى ۋەتەنگە يالاپ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇلارنىڭ «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»دە فىرانسىيەدىن 3-قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىنايەت گۇماندارىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ قايتۇرۇپ كېلىشى.

  (ج خ مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن سۈرەت)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ