خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 4-ئىيۇل: ئەنگلىيەدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ھوشىنى تېپىپ، قايتا-قايتا خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، «جۇڭگو-ئەنگلىيە قوشما باياناتى» دا بەلگىلەنگەن شياڭگاڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيەسى ۋە تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك، دېدى. ئۇ شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگوغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا دىپلوماتىيە ۋەزىرى خانت شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىگەن ئىدى، بۈگۈن باشقا ئادەم چىقىپ قالايمىقان گەپ قىلدى، ئەجەبا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش بارمۇ؟»
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ خانت ئەپەندىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق خاتا سۆزلىرىگە قەتئىي ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى، بۇ ئوخشاشلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوخشىشىدىغان ئىپادىسىگە ماس كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ