باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.06.04 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە قەتئىي بولۇشنىڭ ھەممىسى نەزەرىيە جەھەتتە قەتئىي بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە جەھەتتە كۈچلۈك پارتىيە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

  «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش لازىم»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق كۈرەش قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتتى. پارتىيە ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پۈتۈن پارتىيەنى ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىدىيە- نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەجرىبىسى. يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدىن بۇيان، پارتىيەمىز قانات يايدۇرغان ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتى ئىدىيىۋى تەربىيە، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن باش كۆتۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز جۇڭگودەك 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكتە، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى- تاشقى مۇھىت ئالدىدا مۈشكۈل، ئېغىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى، ئەگەر نەزەرىيە تەپەككۇرى كەمچىل بولسا، سىياسىي جەھەتتە سەگەك، مۇستەھكەم بولغىلى بولمايدۇ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يەڭگىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى ئىدىيەۋى يىلتىزدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر