مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ شەھىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ شەھەردىن يېزا ئىگىلىكىدىكى كۈچلۈك شەھەرگە قەدەم قويدى

2019.06.03 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتلاممۇ قاتلام تاللانغان 170 نەچچە داڭلىق ماركىلىق گۈرۈچنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەچچە ئون «گۈرۈچ باھالاش مۇتەخەسسىسى» نەق مەيداندا تېتىپ كۆردى... بۇلتۇر 10-ئايدا، جۇڭگو خېيلۇڭجياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا گۈرۈچ بايرىمىدا، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ شەھىرىدىكى ئىككى گۈرۈچ ماركىسى «2018-يىللىق جۇڭگودىكى ئون چوڭ تەملىك گۈرۈچ تامىقى» تىزىملىكىگە تاللاندى.

  «چەت ئەللىك بىر باھالىغۇچى ماڭا باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: گۈرۈچنىڭ دانىسى توق، مەرۋايىتتەك سۈزۈك، سىلىق، پىشۇرۇلغاندىن كېيىن يۇمشاق، خۇشبۇي پۇراقلىق ئىكەن، دېدى». يۈشۇ شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى فېڭشياڭ باھالاش كۈنىدىكى شۇ مەنزىرىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىدى.

  مۇنبەت قارا تۇپراق، مول سۇڭجياڭ دەرياسى سۈيى يۈشۇنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «تارىخىي ئەۋزەللىك»نى بارلىققا كەلتۈردى. شەھەر بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 391 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئاشلىق مەھسۇلاتى 7 مىليارد جىڭ باسقۇچلۇق سەۋىيەدە ساقلىنىپ، ئۇدا كۆپ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «يۈشۇ ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ»، دېدى يۈشۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ فەنيې.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يۈشۇلۇقلار دېھقانچىلىقنى ئۇنتۇماي، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ شەھەردىن يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك شەھەرگە قاراپ قەدەم تاشلىدى، «يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى گۈللەندۈرۈش» سىمفونىيەسى قارا تۇپراقتا ياڭرىدى.

  دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا ئۆرلىدى

  تۇچياۋ بازىرىنىڭ شياۋشياڭتۇن كەنتى يېرىم تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، سۇ ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. كەنت ئەتراپىدا بەيتۇگۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار ئىدى، 50 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ يەردە: «بەيتۇگۇ جىلغىسىدا يامغۇر ياغسا بىر قات توپىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، قاتتىق يامغۇر ياغسا ئېرىقنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، زىرائەت ھەر يىلى تېرىلىدۇ، 10 يىلنىڭ توققۇز يىلىدا ھوسۇل ئېلىنمايدۇ، ئىش ھەم كۈچ كېتىدۇ، ھەر يىلى ئاق-باش بولۇپ كېتىدۇ»، دەيدىغان تەمسىل تارقالغان.

  پۈتۈن كەنتتە 73 ئادەم بار ئىدى، بىراق ئېتىزغا بېرىپ ئىشلىيەلەيدىغانلار 19 كىشى بولۇپ، يىلبويى «قايتۇرۇپ سېتىپ بېرىش ئاشلىقى» يەيدىغانلىقتىن، سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شياۋشياڭتۇن كەنتىنى «ياشانغانلار ساناتورىيەسى» دەپ ئاتايتتى.

  شياۋشياڭتۇن كەنتىدىكىلەرنىڭ يۈزى قالمىدى. 1963-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ سىياسىي ئەترەت باشلىقى چى ديەنيۈن پۈتۈن كەنتتىكى قېرى-ياش ھەممەيلەننى يىغىپ، يىغىن ئاچتى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋال كەنت ئاھالىسى لى شۇجېننىڭ ئېسىدە ئېنىق ئىدى: «چى ئانا قولىنى پۇلاڭلىتىپ: "كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسى بولسىلا، ئىتتىپاقلاشسىلا، ھەرقانچە نامرات تاغدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ"»، دېدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا چى ديەنيۈن يەتتە ئايالنى باشلاپ، 45 كۈن جەڭ قىلىپ، 11 زەيكەش، 45 خەندەك كولاپ چىقتى، «سەككىز ئايالنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى» دېگەن ھېكايە مانا مۇشۇنداق تارقالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ