ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تانون ئالناشىئان 5-ئاينىڭ 29-كۈنى پايتەخت ئەبۇزەبىدە زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت بۇ يىلنىڭ باشلىردا ئىمزالىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى - ئامېرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇسى كۆچۈرۈپ تارقاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى : بۇ كېلىشىم ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە نۆۋەتتىكى « ھالقىلىق پەيتتە » ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ .
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە خەۋىپسىزلىك مەسىلىسىدە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ پارس قولتۇقى رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ