مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2019.05.29 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن ياز مەزگىلىدە، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغانىدى. سۇنايچىلار مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش بۇرغىلىرىنى چالماقتا ئىدى، يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىشىپ، بىر پەلەمپەي بىر پەلەمپەي دەسسەپ يۇقىرىغا چىقىپ، بېيجىڭ زالىغا كىرىپ، تەرتىپ بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتىنى تاپشۇردى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ مۇشۇ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى بولسا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىۋىتسارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو جىيى، كولومبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مونسالۋېي، چېخنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇڭ فۇدې، كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياچېڭ، نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەي سىنا، شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ليەن ۋە چادنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ ئېنبېي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى قارشى ئالدى، ھەمدە ئۇلاردىن ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالىمىنى يوللىشى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بىر-بىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ