شى جىنپىڭ 9-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق قېرىنداشلار، جۇڭگولۇقلار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋە جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى 5-نۆۋەتلىك 1-قېتىملىق كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ ياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2019.05.29 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ماي چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، 9-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق قېرىنداشلار، جۇڭگولۇقلار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋە جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك 1-قېتىملىق كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جۇڭگولۇق قېرىنداشلار، جۇڭگولۇقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، پات-پات پاراڭلاشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  9-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق قېرىنداشلار، جۇڭگولۇقلار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلىدۇ، 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 450 نەچچە جۇڭگولۇق قېرىنداشلار، جۇڭگولۇقلار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ