خەلق گېزىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى سانىدا دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم باش تېمىلىق تەربىيە--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ ؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە چوقۇندۇرۇش، ئىش قىلىش،ئىگىلىك تىكلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتا ئۈلگە بولۇشتىن ئىبارەت كونكرېت نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ؛ بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەدە پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ