مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

2019.05.30 11:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، 2019- يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي سۈپەت قارىشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغان، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زىيادە ئېغىر ئوقۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، سىجىل كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيىتى بار. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتىز قۇرۇلۇشىغا دائىر سىياسەتلەرنى تۈزۈش، تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىش، يىرىك پىلان تۈزۈش، يانداش سېلىنما سېلىش، مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش، قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ