خۇاۋىي ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى
خۇاۋېي بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەددىس ئەبىبەدىكى باش ئىشتابىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ كەڭ بەلباغ، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، 5G ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. خۇاۋېي شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى ۋاڭ دۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتالمىش «ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش» دېگەن پىتنە-پاساتقا رەدىيە بەردى. خۇاۋېي ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، ئافرىقىنىڭ رەقەملەشكەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۋاتى مۇنداق دېدى: چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى رەقەملەشتۇرۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ