يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى چاقماق تېگىپ كېتىش ھادىسىسىگە ئۇچىرىغاندىن كېيىن ئەسلىي ئۇچقان ئورنىغا قايتتى

2019.06.03 13:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۇچۇش سەپىرىدە چاقماق سوقۇۋېتىش ھادىسىسىگە ئۇچىراپ، ئەسلىي ئۇچۇپ چىققان ئورنىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىمالىي ئارالنىڭ شىمالىي پامېرستون شەھىرىدىن جەنۇبىي ئارالنىڭ كىرىستچېچ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بۇ ئايروپىلان تەخمىنەن بەش مىنۇت ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئۇچقۇچى ئايروپىلاننى چاقماق سوقۇۋەتكەنلىكىنى ھەمدە شىمالىي پامېرستون شەھىرىگە قايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  بۇ، يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋېللىنگتون ئايرودرومىغا قونماقچى بولغان ماتېرىيال سۈرىتى ( 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو لېي فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ