مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو، ئىشەنچىسىز ئەمەلى گەۋدىلەر تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ

2019.06.03 14:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىنقى مەزگىلدە بەزى چەت ئەل ئەمەلىي گەۋدىلىرىنىڭ غەيرىي سودا مەقسىتىدە، جۇڭگو كارخانىلىرىنى قامال قىلىش، تەمنلەشنى ئۈزۈۋېتىش ۋە باشقا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش قىلمىشىغا قارىتا، دۆلىتىمىز «ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى» تۈزۈمىنى ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، كونكرېت تەدبىرلەرنى يېقىندا ئېلان قىلىدۇ.

  سودا مىنىستىرلىقى خەۋپسىزلىك ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى لۇسۇن 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەلۇم بىر ئەمەلىي گەۋدىنى «ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغاندا، مۇنداق تۆت ئامىلنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىدۇ. 1-: مەزكۇر گەۋدىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىگە قارىتا قامال قىلىش، تەمىنلەشنى ئۈزۈش ياكى باشقا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى قوللانغان قوللانمىغانلىقى. 2-: بۇ ئەمەلىي گەۋدە قىلمىشىنىڭ غەيرىي سودا مەقسىتى ئاساسىدا بازار قائىدىسى ۋە توختام روھىغا خىلاپلىق قىلغان – قىلمىغانلىقى.3-: بۇ ئەمەلىي گەۋدە قىلمىشىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى ئالاقىدار كەسىپلەرگە ماھىيەتلىك زىيان يەتكۈزگەن – يەتكۈزمىگەنلىكى. 4-: بۇ ئەمەلىي گەۋدە قىلمىشىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ياكى يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلغان-قىلمىغانلىقى.

  چى لۇسۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو «تاشقى سودا قانۇنى»، «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە مەمۇرىي قائىدىلەرگە ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئەمەلىي گەۋدىگە ھەرقانداق زۆرۈر قانۇن ۋە مەمۇرىي تەدبىر قوللىنىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر «تىزىملىك» گە كىرگۈزۈلگەن چەت ئەل ئەمەلىي گەۋدىسى بىلەن سودا ۋە ئالاقە قىلغاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچسىز خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. سودا مىنىستىرلىقى شەرتنامە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خېجۈن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىنى «ئىشەنچسىز ئەمەلىي تىزىملىك» گە كىرگۈزۈشنىڭ بىر تەكشۈرۈش تەرتىپى بارلىقىنى تەكىتلىدى. كەلگۈسىدە، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرگە ئاساسەن، تىزىملىكتىكى كارخانىلارمۇ مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ، ئەگەر نۇرغۇن شىركەتلەر بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلسا، بىز بىر تۈركۈم تىزىملىك چىقىرىپ، ئايرىم شىركەتلەرگە قارىتا ئايرىم تىزىملىك چىقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى بەلگىلىمىمىزدە بەزى تەكشۈرۈش تەرتىپى بار، بىز مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئاقلاش ھوقۇقى بېرىمىز، بىز زۆرۈر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ