مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرۇچنى ئەستە مەھكەم ساقلاش

2019.06.03 14:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار، تارماقلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشاننى توغرىلاپ، پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاشتا − جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك.

  شاڭخەيگە جايلاشقان جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارزۇسى قاناتلانغان جاي. جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: مىليونلىغان پارتىيە ئەزاسى ۋە ئامما بۇ مەنىۋى ماكانغا دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى دەپ كېلىدۇ. «بۇ يەردىكى ھەر بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ زېممىسىدىكى بۇرچىنى ئىپادىلەيدۇ. خاتىرە سارىيىمىزنىڭ بۇرچى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇشتىكى دەسلەپكى ئىرادىنى نامايان قىلىپ، بۇ يەرگە كەلگەن ھەر بىر ئېكسكۇرسىيەچىنى ياخشى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى ماكانىنى ياخشى قوغداش.

  بۇ يىل 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى قويدى ھەمدە شۇ جايدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەپەرۋەرلىك سۆزى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش » باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى يېتەكچى فاڭجېنى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە. باش شۇجى سۆزىدە يەنە جياڭشىنىڭ يۈدۇدىكى ئۇزۇن سەپەر باشلانغان جايدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بىزنى تەسىرلەندۈردى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يەنئەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى، بۇ يەردە ۋۇجۇدقا كەلگەن«يەنئەن روھى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندى. يەنئەن شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن ئاڭلىق ئۈلگە بولۇپ، تەجرىبە يارىتىش ــ يەنئەن كادىرلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى. «يەنئەن روھى»دىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنئەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئېلىپ بېرىش كېرەك. كونا ئىنقىلاۋىيى تايانچ بازا رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى تۈپ نىشان قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە كەڭ خەلق ئاممىسى كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدا ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا 70 يىل بولدى، مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى دەل ۋاقتىدا بولدى.

  شەندۇڭ لىنيى لەنلىڭ ناھىيەسى يىمېڭ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىغا جايلاشقان. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كەنت پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى ۋاڭ چۈەنشى پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ــ بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش دېمەكتۇر. بىز ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باش تېما تەربىيە پائالىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ