مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لازىم

بۇ يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلدى

2019.06.03 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئېغىر نامرات رايوندىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھازىر ئېغىر نامرات رايونلاردا قانچىلىك قىيىنچىلىق بار؟ بۇ رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ھەربىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بازىسىدا، ھەر بىر بېيىش يولىنىڭ ئارقىسىدا، كۆپ تەرەپنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ – ھۆكۈمەت سالماقنى زورايتماقتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرى كەم بولسا بولمايدۇ؛ كارخانىلار ياردەم بەرمەكتە، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ئاممىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شەخسلەر تىرىشماقتا، نامرات ئائىلىلەر ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  2019-يىلى، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى 2018-يىلىدىكىدىن 20 مىليارد يۈەن كۆپ بولۇپ، %18.85 ئېشىپ، قوللاش سالمىقى يەنىمۇ زورايدى. ھەقىقىي ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىنماقتا.

  يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن 35 مىليارد 117 مىليون يۈەن ئاجراتتى، 2018-يىلى 10-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن 90 مىليارد 978 مىليون يۈەننى قوشقاندا، 2019- يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى پۈتۈنلەي چۈشۈرۈلدى، جەمئىي 126 مىليارد 95 مىليون يۈەن بولدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2019-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى 2018-يىلىدىكىدىن 20 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، %18.85 ئاشقان. ئاشقان مەبلەغ ئاساسلىقى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»دىن باشقا نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن بولغان ئېغىر نامرات رايونلارغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى نۇقتىلىق ئاشۇرۇلىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ