مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەينياۋ ئەشيا ئوبوروتى «6.18» پائالىيىتىدە تيەنماۋ تاللا بازىرىدىكى ماللارنى 24 سائەت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەردى

2019.05.30 11:14 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي): «تيەنماۋنىڭ بۇ يىلدىكى <6.18> يىل ئوتتۇرىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارمۇ سەينياۋ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تېز مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. تيەنماۋ تاللا بازىرىدىكى ماللارنى 24 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈش شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىنى قاپلىدى، قىسمەن رايون، ناھىيەلەرگىمۇ 24 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى» دېدى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى مۇخبىرغا.

  «6.18» يىل ئوتتۇرىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۈچۈن، سەينياۋ ئەشيا ئوبوروتى دۇنيادىكى نەچچە مىڭ ئەشيا ئوبوروتى شېرىكى بىلەن بىللە 200 مىڭدىن ئارتۇق تېز يەتكۈزۈش پونكىتى، 200 مىڭ دانىدىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىلى، نەچچە مىليون نەپەر ئەشيا ئوبوروتى خادىمىنى ئاجرىتىپ، تيەنماۋنىڭ «6.18» پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئەلى بابا گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق پوچتا ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، يېرىنىڭ كەڭلىكى ھەم قاتنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، غەربىي شىمال رايونلار ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە سەل ئاجىز ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەينياۋنىڭ ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى تورى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان، كۆلەملىشىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە شەھەرلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تورىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا بارىدىغان تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى تەدرىجىي تۈجۈپىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىپ، تاۋارلارنىڭ شىنجاڭغا بارىدىغان زەنجىرسىمان يوللىرى زور دەرىجىدە قىسقارغان. بۇنىڭ بىلەن، تيەنماۋ بۇ يىلقى «6.18» يىل ئوتتۇرىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قارىتا «شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە تيەنماۋ تاللا بازىرىنىڭ ماللىرى 24 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ» دېگەن ۋەدىنى خاتىرجەم بەرگەن.

  نۆۋەتتە، سودىگەرلەرنىڭ كۆپ يوللۇق تاۋارلىرى ئاللىقاچان سەينياۋ سىستېمىسىنىڭ ئامبىرىدا زاپاس ساقلانغان، ئىستېمالچىلار زاكازنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ تاۋارلارنى يېقىن ئەتراپتىنلا ئەۋەتسە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ