خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش پىلانىنى يولغا قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىلاندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش، ئارزۇنى قاناتلاندۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 16 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ياشلار پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ، خىزمەت ئىزدەش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى قاپلىغان ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىلىدىكەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار ئەمما ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
پىلاندىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئىشسىز قېلىش سەۋەبى، خىزمەت ئىزدەش مۇددىئاسى، ماھارەت سەۋىيەسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىشسىز قېلىش ھالىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش ۋە سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى توغرا خاتىرىلەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىشسىز قالغان ياشلارنى تەشكىللەپ، كوللېكتىپ كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي يېتەكچى، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى مۇتەخەسسىسى قاتارلىق كەسپىي كۈچلەرنى ئورتاق قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشتىكى گاڭگىراشلىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسى بارلارغا قارىتا كەسپىي ساپاسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش پىلانى»نى ئەمەلىي تۈزۈپ، ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى مۇۋاپىق بېكىتىشىگە، ئاكتىپلىق بىلەن ئىدراكىي رەۋىشتە خىزمەت ئىزدىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسىغا بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرىدۇ: كارخانىلارنىڭ ئىشسىز قالغان ياشلارنى پائال قوبۇل قىلىپ، يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى تەربىيەسىگە قاتناشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ۋە تۇرمۇش پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ ماھارەت تەربىيەسى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنى كەسپىي مەكتەپ ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ؛ خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا پىراكتىكا تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارنى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى، بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى، مەيدان ئىجارىسى تولۇقلىمىسى قاتارلىق مەدەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ پىلاندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ۋە مېيىپ ئىشسىز قالغان ياشلارنى نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنى ئالدىن كارخانىلارغا تونۇشتۇرۇش كېرەك؛ بازار يوللىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ئارقىلىق تولۇق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى