خەينەندە 300 كىلوگرامغا يېقىن زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى

2019.06.04 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، چېڭمەي ناھىيەسى كونا شەھەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى خەيكۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، خىزمەتچى خادىملار زەھەرنى كۆيدۈرۈشكە تەييارلاندى.

  شۇ كۈنى خەينەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى، خەينەن ئۆلكىلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى بىرلىكتە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭمەي ناھىيەسى كونا شەھەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى خەيكۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى مەركەزلىك كۆيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە دىلو ئاياغلاشتۇرۇلغان 281.63 كىلوگرام تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملەرنى كۆيدۈردى. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم زەھەرنى كۆيدۈرۈشتە زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ