باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«بۇ ئىشنى مەن چوقۇم مىخ قېقىش روھى بىلەن قايتا-قايتا چىڭ تۇتىمەن»

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

2019.04.19 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر بىر كەنتتە بىر قېتىم يىغىن ئېچىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ باھاردا چۇڭچىڭغا بېرىپ، دىققىتىنى «ئىككىنى غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى نامرات كەنت خۇاشى كەنتىنى كۆرگىلى باردى. ئۇ يەر ۋۇلىڭ تېغىدىكى توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونغا، ئېگىز تاغلار ئارىسىغا جايلاشقانىدى. باش شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، نامرات رايونلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە كەلدى.

  ئۇ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچى، كوممۇنىستلارنىڭ دۇنيا بەرگەن تەنتەنىلىك قەسىمى ۋە ۋەدىسى __ 2020-يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تويۇنۇش، كىيىنىشتىن غەم قىلماسلىقىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. دىققەت مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قىيىن نۇقتىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىر ئۈستىدە كېڭەشتى، بۇ يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك قۇرۇق گەپ سېتىش يىغىنى بولماستىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش يىغىنى بولۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدىن يانمايدىغان ئەسلىي مەقسىتى، ئىجتىھات بىلەن ئىنتىلىدىغان نىشانى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئويلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلە.

  «كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ئىزچىل نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ھەپىلىشىپ كەلدىم، ئۆزۈممۇ نامرات جايدىن مېڭىپ چىققان.» ئۇنىڭ لياڭجياخېدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى يۇرتداشلارغا تويغۇدەك بىر قاچا گۆش يېگۈزۈش ئىدى؛ ئۇ جېڭدىڭغا بارغاندا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە» دېگەن قالپاقنى چۆرىۋەتمەكچى بولدى؛ نېڭدېدا «ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا مېڭىش ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدەندى. كېيىن ئۆلكىدىن تارتىپ مەركەزگىچە ئۇ باشتىن-ئاخىر نامراتلارنى يۆلەش ئىشىغا ئەڭ كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: مەن مىخ قېقىش روھىنى تەشەببۇس قىلغانىكەنمەن، بۇنى چوقۇم ئۆزۈمدىن باشلىشىم كېرەك! بۇ ئىشنى مەن چوقۇم مىخ قېقىش روھى بىلەن قايتا-قايتا چىڭ تۇتىمەن.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. 2012-يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر 98 مىليون 990 مىڭ كىشىدىن 2018-يىلى 16 مىليون 600 مىڭ كىشىگە ئازايدى، بۇ سان يىلدا، ئايدا، شۇنداقلا كۈنىگە ئۆزگەرمەكتە. جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان نامراتلىق قىيىن مەسىلىسى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جەڭ قىلغانسېرى باتۇر بولىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، بىز چوقۇم غەيرەتكە كېلىپ ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ھەرگىز چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك .

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر