باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلايلى

2019.01.18 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل گەپ قىلىدۇ، ئاغزىدا بىر خىل، ھەرىكىتى يەنە بىر خىل». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 10-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى يېقىندا ئېلان قىلىندى. سۆزدە، باش شۇجى سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغان بۇ سۆزلەر دەل جايىغا تەگكۈزۈلگەن بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

  1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى جاۋ جىڭيۇڭنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تورنى بىر ئالدى. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان نۇرغۇن رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بار. بۇنداق ئادەملەر كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، ئۇلارنىڭ بۆلۈنگەن ھاياتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان: ئاغزىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرىمىز، دەپ توۋلايدۇ، كەينىدە پارىخورلۇق قىلىپ چىرىكلىشىدۇ؛ سەھنىدە ئېتىقاد ھەققىدە سۆزلەيدۇ، سەھنىدىن چۈشۈپ «پېشۋا»لارغا سەجدە قىلىدۇ؛ يىغىندا «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرىدۇ، يىغىندىن چۈشۈپلا نوچىلىق قىلىدۇ؛ سىرتىدىن قارىغاندا ناھايىتى پاك، ئەمەلىيەتتە بەك ئاچكۆز...

  قەدىمكىلەردە «چىرايىنى بىلىپ، قەلبىنى بىلەلمەسلىك»، دېگەن گەپ بار. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ناھايىتى توغرا قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، ناھايىتى چوڭقۇر يوشۇرۇپ قالالايدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك يوشۇرۇنۇشچانلىققا ۋە ئازدۇرۇشچانلىققا ئىگە. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ يوشۇرۇنۇش مەزگىلى ئادەتتە بىر قەدەر ئۇزاق، زىيىنىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر مۇھىم تېما دەل «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈپ تازىلاش بولۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسىنى تۈزەيدۇ.

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ چوقۇم بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى ئاگاھلاندۇردى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش دەل ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي قىلىش بولۇپ، دەل دىلى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، سۆزنى ئازراق، ھەرىكەتنى كۆپرەك قىلىش، سەمىمىي قەلب بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت.

  ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرسەك «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاش كۆپ ھاللاردا بىلىپ تۇرۇپ ئىشەنمەسلىك، بىلىپ تۇرۇپ قورقماسلىق، بىلىپ تۇرۇپ قىلماسلىقتەك ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاشتۇر. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى چەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆتكەل، ئەخلاق ئۆتكىلىنى ئوبدان ساقلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاساسىي مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر