باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى تەشكىللەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى تارقاتتى

2019.01.18 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى تەشكىللەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بستىپ تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى تەشكىللەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، شېنياڭ، داليەن، شيامېن، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چېڭدۇ ۋە شىئەن قاتارلىق 11 شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى تەشكىللەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى دۆلەت قاتلىمىدا قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىكى نىشان-ۋەزىپىلەر بولسا، دورا باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىمارلارنىڭ دورا خىراجىتى يۈكىنى يېنىكلىتىش؛ كارخانىلارنىڭ سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوبوروت مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئېتەكلەپ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھالدا دورا ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللاش؛ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش مېخانىزمى ۋە بازار يېتەكچى قىلىنغان دورا باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇنىڭدا، دورا سۈپىتى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىگە قارىتىلغان بىردەكلىك باھالىشىدىن ئۆتكەن تەقلىدىي دورىلار بىلەن ماس كېلىدىغان ئاممىباب دورا ناملىرى ئىچىدىن نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرلىرىنى تاللاش كېرەك. دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدا بازارغا سېلىنغان مەركەزلەشتۇرۇپ سېتىۋېلىش دائىرىسى ئىچىدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتناشسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر