- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ئىدىيە توسۇقى ۋە تۈزۈم قاشالىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى
___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
2018.06.01 16:18 مەنبە: خەلق تورى
يېڭىلىق ياراتقاندىلا كەلگۈسىدە غەلىبە قىلغىلى، ئىسلاھ قىلغاندىلا دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە بولۇپمۇ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن-تېخنىكىغا مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلىش ۋە قوزغىتىش كېرەك.
پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسى تۇرغۇزۇلدى، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى:«مۇشۇ يىللاردا بىز پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچىدۇق، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇردۇق، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسى تۇرغۇزۇلدى، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق.»
بېيجىڭ قاتناش داشۆسىنىڭ مۇدىرى، ئاكادېمىك نىڭ بىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتىپىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، ئېغىر يۈك تۆمۈر يولى ۋە شەھەر رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكا ۋە كەسىپتە قوللىنىش جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلالىشى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. بۇ تەدبىرلەر ئالىي مەكتەپتىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
چىڭخۇا داشۆسى مېخانىكا قۇرۇلۇشى شىسىنىڭ پىروفېسسورى، ئاكادېمىك ۋاڭ يۈمىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى سۆزىدە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەر جەھەتتە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىمىزنى كۆرسەتتى، بۇ جەھەتتە مەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۈزۈلمەي ئەمەلىيلەشتى، بولۇپمۇ پەن تەتقىقات تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن «بوشىتىش» تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن پەن-تەتقىقات خادىملىرى تېخىمۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلالايدىغان بولدى.
شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋېن گۇاڭرۇي مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتىكى نەتىجەممۇ باھالاشتا نامايان بولدى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك جانلىق بولۇپتۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىختىساسلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش ئىسلاھاتى بىلەن بەزى پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئىلمىي ماقالىنى قوغلاشمايدىغان بولدى. مەسىلەن بىزنىڭ شۆيۈەندە ئىختىساسلىقلار خەلقئارادىكى ئىلىم-پەن ئالدىنقى قاتارىغا يۈزلەنگەن، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلەنگەندىن ئىبارەت «ئۈچ يۈزلەنگەن» دەپ باھالىنىدۇ، بۇ پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر