باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن11نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.06.01 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى»دە 31-ماي جايلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 11 مەسىلە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. بۇ يۇقىرىقى مەخسۇس سەھىپىنىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى يولغا قويغاندىن بۇيان مەسىلىلەرنى 5-قېتىم مەركەزلىك ئاشكارىلىشى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، قاتارلىق 11 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا كۆرۈلگەن بولۇپ، چېتىلغان مەسىلىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مال سېتىۋېلىش كارتىسى قوبۇل قىلىش-بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، بەلگىلىمىگە بويىچە توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشنى مەلۇم قىلماسلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئالىدۇ بۇ «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولى ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر