ھاۋا ئارمىيەسنىڭ قىرغۇچى- 20 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى كېچىدە قارشىلىشىش مەشىقىگە قاتناشماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى بىر ئەۋلاد رادارغا چۈشمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى بولغان قىرغۇچى- 20 بەلگىلىك ئايروپىلان ئەڭ بۇرۇن سەپلەنگەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىسىمى يېقىندا قىرغۇچى- 20 بىلەن قىرغۇچى- 16، قىرغۇچى- C10 يېڭى تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئەترىتىنىڭ ماسلاشقان تاكتىكا مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، قىرغۇچى- 20 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋا ئارمىيەسى يېڭى كۈچىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى