- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت ئىلىكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا پىكىر توپلىدى
2018.06.01 16:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ «دۆلەت ئىلىكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەكلىپ-پىكىر بېرىمەن» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەردىن باھانىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باھا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىلىكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى سورىدى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى دۆلەت ئىلىكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان سىياسەت-ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر