باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

2018.05.22 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئېكولوگىيەسى مەدەنىي، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ھەم تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، بىزنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىزدا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن تارتىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكىچە؛ ئاندىن ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقىچە... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىراق شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن «قاتتىق سۆڭەك»نى غاجىلاشقا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن جاھىل ۋە كونا «كېسەل»لەرنى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش دەۋر يۈكلىگەن زور ۋەزىپە، ئۇنى قىلچە بوشاڭلىق قىلماي جەزمەن تاماملىشىمىز كېرەك.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز دەپ قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىمىساق خەلق بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. پەقەت نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بۇ مەيدان جەڭنى ياخشى قىلغاندىلا، ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلالايمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز، تارىخ ئالدىدا خىجالەتتە قالمايمىز. ھازىر، خەلق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى تېز ئاشۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلماقتا. خەلق ئويلىغانغا، خەلق ئارزۇسىغا، خەلق ئالدىرىغانغا پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز، بۇرچىمىز، مەسئۇلىيىتىمىز. بۇ مەيدان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى مەيلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، ھەرگىز ئىككىلەنمەسلىكىمىز، چېكىنمەسلىكىمىز، كەسكىن ئىش قىلىدىغان قەتئىيلىك، ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش جاسارىتى، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشتەك تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بۇ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز ھەم جەڭدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر