باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(4)

2018.01.16 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاپ قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرش، قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى؛ ئىستىراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈش كېرەك»،«چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ،پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكىلوگىيىسىنى تۈپتىن ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك». 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىش يۆنىلىشى، ئاساسىي مىزان ۋە چارە، يول بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۈك- تاقنى قايتا رەتلەپ، ئاندىن يولغا چىقىدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، «ھەرگىز توختاپ قالمايدىغان»ئىرادە،«توختىتىپ قويمايدىغان» جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىپ، چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەش پارتىيەمىزنىڭ ماركىسىزىملىق سىياسىي پارتىيە بولۇشىدىكى تۈپ تەلەپ. نۇرغۇن ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر تۈپتىن ئېيتقاندا، سىياسىي قۇرۇلۇش ئاجىز بولۇش، سىياسىي تۇرمۇش كەسكىن بولماسلىق، ساغلام بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دەل شۇنداق بولغاچقا، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىزدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى شەرتسىز سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي ئۆلچەم قىلىشنى؛كوممۇنىزىم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئورتاق غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە- ئېتقادنى قەلبىمىزدىكى ھەقىقىي ماكانغا ئايلاندۇرۇشىمىزنى؛ پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، «يەتتە ئىللەت»نى تۈگىتىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىشىمىز، سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى قاتتىق تاۋلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر