باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زور سىياسىي قارار

2017.12.28 12:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت-قوراللىق ساقچى قىسىم-قىسىم رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور سىياسىي قارار، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى، پارتىيەنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زور سىياسىي لايىھە ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  قوراللىق ساقچى قىسىم تەشكىللەنگەندىن تارتىپلا خاراكتېرى ئېنىق قىلىپ دۆلەت قوراللىق كۈچىنىڭ تەركىبىي قىسمى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ، دەپ بېكىتىلگەنىدى. كېيىن ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك رەھبەرلىك-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى كۆپ قېتىم تەڭشەلدى، لېكىن قوراللىق ساقچى قىسىم گەۋدىسىنىڭ قورال كۈچى بولۇش خۇسۇسىيىتىدە باشتىن-ئاخىر ئۆزگىرىش بولمىدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئۇنىڭغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك-قوماندانلىق قىلىشى ئىچى تەلەپ بولۇپ قالدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئارمىيە دېگەن ئارمىيە، ساقچى دېگەن ساقچى، خەلق دېگەن خەلق» پىرىنسىپى بويىچە قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش مۇقەررەر تەلەپ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر