باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتايلى(2)

− پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا نەزەر

2017.10.22 17:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يەنئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ شىنرۇڭ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىككى «ئىنسانىيەت مۆجىزىسى»نى ياراتتى، بىرى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولدى، يەنە بىرى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولدى؛ «ئىككى چوڭ دۇنياۋى قىيىن مەسىلە»نى ھەل قىلدى، بىرى، نامراتلىق تۈگىتىلدى، يەنە بىرى، چىرىكلەشكەنلەر جازالاندى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھازىرقى ئەڭ يېڭى، ئەڭ كارغا كېلىدىغان ماركسىزم بولۇپ، ئۇ جۇڭگوغا تەۋە بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنياغىمۇ تەۋە بولدى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شى جۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى يېڭى تارىخىي يۆنىلىش.

  جۇڭگو مەمۇرچىلىقىغا پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكمەكتە. جۇڭگو ئۆتكەنكى بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەر دۇنياغا نۇرغۇن «پايدا» يەتكۈزدى؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو ئاچقان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى «جۇڭگو ئامىلى» پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ «پۇرسەت» يارىتىپ بېرىدۇ.

  بىر ئاي ئىلگىرى 19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭكاڭ گېرمانىيەگە بېرىپ، «چاڭئەن» ناملىق نۆۋەتچى پويىزى بىلەن ئاۋىياتسىيە يۈك ئايروپىلانى گېرمانىيە قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، گېرمانىيە بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى ئېپاۋلو جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش تەدبىرىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بانكىسى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بەك قوللايدۇ، بۈگۈنكى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  ۋەكىل ۋاڭ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنياغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. شىئەن يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شەھەر بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.

  «دۇنياغا نېمە بولدى؟»، «دۇنيا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان پەيتتە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى:

  «بىز ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز».

  «جۇڭگو خەلقى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ».

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىدۇ». ...

  سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ يۇڭنيەن مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، بۇ پارتىيە بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە.

  جۇڭگو يولى دۇنيانى ئىلھاملاندۇردى، جۇڭگو لايىھەسى پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.

  پىروفېسسور خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىدۇر. ئۇ، دۇنيادىكى تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ھەم تەرەققىياتتىكى ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنى يېڭى تاللاشقا ئىگە قىلدى، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم ئەتتى.

  ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

  − 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرىدۇ

  شىۋېيتسارىيە «يېڭى سيۇرىخ گېزىتى»نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ماتتىئاس مۇللېر مۇنداق دېدى: جۇڭگودا بۇ بىر قانچە يىلدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن زور، بېيجىڭ يېڭى ئايروپورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونىدىكى بېيجىڭ يېڭى ئايروپورتى قۇرۇلۇشى مەيدانىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 60 نەچچە مۇخبىر كەلدى. چەت ئەللىك مۇخبىرلار يېڭى ئايروپورت قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ خۇددى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئوخشاشلا تېز بولۇۋاتقانلىقىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

  ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلانماقتا.

  ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئېقىنلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ داۋالغۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو مۆجىزىسىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟ كەلگۈسىدىكى يولنى قانداق مېڭىش كېرەك؟

  100 چاقىرىملىق يولنىڭ 90 چاقىرىمىنى بېسىپ بولدۇق. ئاخىرقى چوققىغا چىقىش يولىدا تىك داۋانغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  بۇرچ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، ئارزۇ كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھەرىكەت قىبلىنەمامىز −

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، كەلگۈسى كۈرەش نىشانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىكى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە «14 نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش»نىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ھاسىل قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ شۇگۇاڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش − بىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب، شۇنداقلا يېڭى- يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر.

  ۋەكىل ليۇ شۇگۇاڭ دوكلاتتا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا 100 نەچچە تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇلار ناھايىتى كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تەدبىر، ھەرىكەت قىلىدىغان چارە بوپتۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھەرىكەتنىڭ ماركسىزمى، بىز باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدىن يارقىن ئىزلارنى قالدۇرۇپ، «مىخ قېقىش روھى»نى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى يۆلەنچۈك قىلىشىمىز كېرەك −

  ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماقلار، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر، ئېلىمىزدىكى ھەممە جايلار... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مارتىن ياك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى لايىھەلىگۈچى، بۈگۈنكى جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشنىڭ يادروسى، شۇڭا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا قەتئىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم يېڭى قىياپەت بىلەن يېڭى رول ئوينىشى كېرەك.

  جۇڭگو نېفىت- خىمىيە گۇرۇھى غالىبىيەت نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ياڭ چاڭجياڭ مۇنداق دېدى: 5377 پارتىيە ياچېيكىسى، 110 مىڭ پارتىيە ئەزاسى غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئىناقلىق، مۇقىملىقىدىكى تايانچ كۈچ. بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باش سىياسىي ۋەزىپە، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تېما قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىپ، دىققىتىمىزنى ياچېيكىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قورغاننى مۇستەھكەم قۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، بىز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك −

  يول قانچىكى ئۇزاققا سوزۇلغانسېرى، بۇ يولدا نېمە ئۈچۈن مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى. يېڭى دەۋردە جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆسكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەن.

  نىڭبو شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتى 36- يول ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى، ۋەكىل چېن شيانا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە خەلق خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە تىرىشسا، چوقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يولۇچىلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ ئازادە مۇھىت يارىتىمەن. كىچىك ئىش ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشتۇر، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلساق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى، بېيجىڭدىن ئاز كەم 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭشى ئوبلاستى شىبادۇڭ كەنتىدە 40 نەچچە مياۋزۇ پارتىيە ئەزاسى ۋە كەنت ئاھالىسى 79 ياشلىق شى چېڭفۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆردى، يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  شىبادۇڭ كەنتى دەل يولداش شى جىنپىڭ 2013- يىلى بۇ يەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»نى ئوتتۇرىغا قويغان جاي ئىدى. ئۈچ يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كەنتتىكى 136 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  شى چېڭفۇ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمىز.

  ئىشنى ياخشى قىلىشتا ئاساسنى پۇختا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىغا يېتىشتە، مىليونلىغان خەلقنىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە بىلەن خەلق باشتىن- ئاخىر تەڭ ئويلاپ، بىللە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  دەۋر قانچىلىك ئۆزگەرسۇن، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو «ئىككى 15 يىللىق كۈرەش» ئارقىلىق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنى جەزمەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرگۈزەلەيدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر