باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى بىلەن فىرانسىيە ئالىملىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2017.10.21 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 19-ئۆكتەبىر فىرانسىيەگە يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. شۇ كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى پارىژدا فىرانسىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يەنجۇڭ فىرانسىيەلىك ئىلىم ئەھلىلىرىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان سىياسەت-تەدبىرلىرى ۋە ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇندىن باشقا يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتىنى بايان قىلدى، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ رايونى تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن چەكلەش ئامىللىرى ۋە قوللانغان مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تەھلىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە فىرانسىيە ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر