خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
سۈرەتتە: يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يولى»دا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىن ئۇدۇل يىغىن مەيدانىغا بارىدىغان، 100 مېتىرغا يەتمەيدىغان بۇ يول پارتىيە قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يولى» بولۇپ قالدى.
ئەگەر بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەۋر كوللېكتىپ قىياپىتىنى سىزىش توغرا كەلسە، 19-قۇرۇلتاي شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ئوبيېكت بولالايدۇ.
تۇنجى قېتىم «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يولى» تەسىس قىلىندى، تۇنجى قېتىم ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئېچىلدى، پىلان بويىچە ئالتە مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە سەككىز مەيدان كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزۈلدى، 34 ۋەكىللەر ئۆمىكى تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلدى… پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان بۇ كاتتا مەرىكە ئارقىلىق، دۇنيا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر پارتىيەنى كۆردى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، يۈكسەلگەن بىر جۇڭگونى كۆردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى