باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مۇشۇ بىر جۈملىلا كۇپايە»

2017.10.21 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىسى فېڭچېڭ شەھىرى «جىياخې» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىكى جياڭ فامىلىلىك 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈۋاتاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي، يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش» دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ: «مۇشۇ بىر جۈملىلا كۇپايە!» دېدى.

  19-قۇرۇلتاي مەيدانىدىكى جاراڭلىق ئالقىش ساداسى 89 مىليون كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ يۈرەك سۆزىگىلا ئەمەس، تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشكەن 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقنىڭ يۈرەك سۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەيلى ئىشچى، دېھقان ياكى سودىگەر، ئالىم بولسۇن 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى مەلۇم بىر جۈملە ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. 2020-يىلىغا بارغاندا نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار- يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ... بۇنداق مەنزىرە، بۇنداق نىشان، خەلققە بېرىلگەن سەمىمىي ۋەدە، شۇنداقلا بۇرچىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالغانلىقتۇر.

  ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. سىز، مەن ۋە باشقىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ بىر جۈملە ئۈچۈن ھاياجاننى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، كۈرەش قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، 19-قۇرۇلتايدا كۆرسىتىلگەن گۈزەل تۇرمۇش قاراپ، بىرلىكتە يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيلى!

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر