باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇلۇغۋار ئارزۇ يېڭىچە لايىھە تەسۋىرلەندى

-جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلماقتا

2017.10.21 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتۇن كۈزدىكى بۇ ئۆكتەبىردە، دۇنيادىكى 130 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مىڭ نەپەر چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگونىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يىغىلدى. «بۇ دۆلەت جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى»،«جۇڭگو مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ دۆلەتنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق ۋە گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچىنى بېغىشلىماقتا»، «جۇڭگو ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈردى» دېگەندەك ماۋزۇلاردا بېيجىڭدىن بىر قاتار خەۋەرلەرنى سىرتقا ئەۋەتمەكتە، ھەمدە شۇ ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدىكى يېڭىچە لايىھەنى تەسۋىرلەپ دۇنياغا يەتكۈزمەكتە.

  جۇڭگو دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى بىلەن تەمىنلىدى

  فىلىپپىن «مانىلا ئىستاندارت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ژۇيللى رېيكياۋ مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى:مەن خەلق سارىيى نەق مەيدانىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدىم، شى جىنپىڭنىڭ جاسارىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىگە ئىنتايىن قايىل بولدۇم. ئۆتكەن بەش يىلدا، شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي سىجىل تۈردە ئاشتى، نەچچە مىليونلىغان خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. جۇڭگو بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو خەلقى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا جۇڭگونى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا. «جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئىبارەت ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە ياخشىلىق يەتكۈزمەكتە.

  ژۇيللى رېيكياۋنىڭ تەسىراتى بولسا، جۇڭگوغا كېلىپ 19- قۇرۇلتاينى خەۋەر قىلىدىغان نۇرغۇن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ھېسابلىنىدۇ. نېپال «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:مەن 10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى بۇ تارىخقا شاھىت بولدۇم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى پەقەت جۇڭگونىڭلا بىر كاتتا ئىشى بولۇپ قالماستىن، شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇھىم بولغان بىر سىياسىي چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگوغا كېلىپ 19- قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىش مەن ئۈچۈن بىر تېپىلغۇسىز پۇرسەت، چۈنكى، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەسۋىرلىگەن لايىھە، پەقەت جۇڭگونىلا ئۆزگەرتىپ قالماي، يەنە دۇنيانىمۇ تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى دۇنيا ئۈچۈن غايەت زور خۇش خەۋەر.

  بۈگۈنكى قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە باش مۇھەررىرى تىممېل قۇۋادوفېن 19- قۇرۇلتاينى مەخسۇس زىيارەت قىلغىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ ناھايىتى مۇھىم دوكلات بەردى، دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر