باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇلتاي ۋەكىلى جاڭ خۇڭسېن: ئېلىمىز كىنوخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى جەھەتتە ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ

2017.10.21 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، «ئىدىيە-ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» دېگەن تېمىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى. ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇڭسېن ئىدىيە-ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئەھۋال تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ خۇڭسېن مۇنداق دېدى: 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ھازىر ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە جەھەتتە چوڭ دۆلەت بولۇش ھالىتىدىن قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ھالىتىگە قاراپ قەدەم قويماقتا. كونكرېت جەھەتتىن ئېيتقاندا،بۇ جەھەتتە تۆت سىستېما شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدا، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر بىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ۋە سىملىق، سىمسىز ۋە سۈنئىي ھەمراھ دېگەندەك كۆپ خىل تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئارىلاش قوللىنىش تېخنىكىسى بىلەن قاپلانغان رادىيو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش تورىغا ئىگىمىز. بىزدە رادىيو-تېلېۋىزىيەنىڭ بارلىق نوپۇسلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.37، %98.88گە يەتتى. ئېلىمىزدىكى كىنوخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھازىرغىچە 49 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 2016- يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ كىنوخانىلىرىدا كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 372 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. بۇ يىل ئاشۇ داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى يەنىلا ساقلاپ قېلىنماقتا. مەملىكەت بويىچە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىش تور نۇقتىلىرى 163 مىڭغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر