باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ياۋ شاۋدۇڭ __

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەرنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

2017.10.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى ياۋ شاۋدۇڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ھەققىدە توختالغاندا، چوڭقۇر تەسىراتتا مۇنۇلارنى دېدى: 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا شۇلار كۆرسىتىلدى: يەنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت بولسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى جەريانىدا يېتىلگەن مەدەنيەتتىن، يەنى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن كەلگەن. مەسىلەن، بۈيۈك قانال بەلبېغىدىكى مەدەنىيەت دەل جۇڭخۇا ئېلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىكى بىباھا گۆھەردۇر، ئۇنىڭدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىنىڭ ئاۋات ۋە چوڭ شەرەپلىرى يېزىلغان.

  ياۋ شاۋدۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۈيۈك قانال بولسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بىر كۆچمە مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە، خۇەيئەن شەھىرى بۈيۈك قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يادىكارلىقلارنى قوغداش توغرىسىدىكى ماقالىنى ياخشى ئىشلەش ۋە «قانال شەھىرى» ئەسلىمىسىنى ياخشى ئاسراشتىن باشلاپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ياخشى ئىشلەش ۋە «مەنىۋى ماكان» قىممىتىنى نامايان قىلىشقا قاراپ سىلجىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايلىقتىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ياخشى ئىشلەش ۋە «ئالتۇن سۇ يولى» ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش دېگەندەك ئىشلارغىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۈيۈك قانالنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېچىپ قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر