باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ ، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، شياڭباپىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، چاڭ ۋەنچۇەن، ياڭ جېچى، گو شېڭكۈن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، ۋاڭ جيارۇي ۋە ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى:

19-قۇرۇلتاي دوكلاتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلمىي ھەرىكەت قىبلىنەماسى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى

2017.10.20 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ ، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، شياڭباپىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، چاڭ ۋەنچۇەن، ياڭ جېچى، گو شېڭكۈن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، ۋاڭ جيارۇي ۋە ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار 18- چېسلا ۋە 19- چېسلا، 19- قۇرۇلتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ خىتابنامىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دوكلات جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلمىي ھەرىكەت قىبلىنەماسى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

  يولداش ئەركىن ئىمىرباقى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا دېيىلگەن ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە ئەپلىك ئورۇننى ئىگىلەش بولسا، پارتىيە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغۋار ئىشلار ۋە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار چوڭ-چوڭ فاڭجېن ۋە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇندىن بېرى ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ كېلىۋاتقان، ئەمما ھەل بولماي كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، بۇرۇن قىلماقچى بولغان، لېكىن قىلالمىغان چوڭ ئىشلارنى قىلدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، ئەڭ مۇھىمى شۇنىڭغا باغلىقكى، ئۇنىڭدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى مۇھىم رول ئوينىغان. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ تەدبىرى ئېنىق بولدى. بىز، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدەچىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر