باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى ــ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى كۈتۈۋالايلى

2017.10.21 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى:

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەز بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر- ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلدى، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى» گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، ۋەكىل چېن ۋۇ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تەسۋىرلەنگەن ئېلىمىزنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرگە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يۆلەش-ئېچىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئەڭ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەڭ زور تەرەققىيات پۇرسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش يىلدىن بۇيان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقاتقان 6 مىليون 90 مىڭ نامرات كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سانى بويىچە مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

  خۇبېي ئۆلكىسى مىڭشى ناھىيەسى خۇبېيكۇ خۇيزۇ يېزىسى كەنزىشەن كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، ۋەكىل ۋېي دېڭدىيەن سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بەش يىل ئىلگىرىكى كەنزىشەن كەنتىنىڭ يوللىرى راۋان ئەمەس، سۇ، توك يوق، يىراق-يېقىندا داڭلىق ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت ياخشى سىياسىتى ۋە يۇرتداشلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، يېڭىدىن ساياھەت يولى ياساپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى سېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تەبەسسۇمىدا جىلۋىلەندى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجىسى تەبەسسۇمدا ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن نامراتلىق كەمتۈكلۈكىنى چوقۇم ئىمكانقەدەر تېز تولۇقلاش كېرەك. 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. زىيارەت داۋامىدا ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنداق دېدى: 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئىدىيە، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ئىككى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ۋەكىل ۋېي دېڭدىيەن بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن 300 نەچچە نامرات رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى يىغىنچاقلاپ 40 نەچچە تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نامرات تاغلىق رايونلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىلا ئەمەس، يەنە نامرات ئاممىنىڭ قەلب سۆزىنى ئېلىپ كەلدىم. كۆپچىلىك قاتناشنى تېزدىن ياخشىلاش توغرىسىدا ئەڭ كۆپ پىكىر بەردى، يول راۋان بولغاندىلا، ئېغىر نامراتلىقنى تېز تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  سەنشىنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلىرى كۆپ، نامراتلىق دائىرىسى كەڭ، تەييۈەن تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ۋەكىل جياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: تەييۈەن تۆمۈر ئىدارىسى لىڭچيۇدىن تەييۈەنگە قاتنايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى «ئاستا پويىز»لارنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىدۇ، تەيخاڭشەن تېغىدىكى مەركەزلىك تۇتاش نامرات رايونلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىمۇ سېلىنىۋاتىدۇ، بۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇر قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى لىن چۈەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى جەنكۇينىڭ يۇرتى ۋۇشى بازىرىنىڭ بەنيەن كەنتىدە ئىدى. لى جەنكۇي ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بەنيەن كەنتى بەك نامرات ئىدى، كېيىن ھۆكۈمەت نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويدى. قىسقىغىنا بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا يۇرتداشلار ئەسلىھەلىرى تولۇق، مۇھىت ياخشى يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كىردى. يۇرتداشلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى بەك ياخشى، ئۇچرىغانلا كىشىگە پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ياخشى دەيدۇ.

  گۇيجۇ ئۆلكىسى لودىيەن ناھىيەسى موياڭ بازىرى ماخۇەي يېزىلىق پارتكومنىڭ ياچېيكا شۇجىسى، ۋەكىل دېڭ يىڭشياڭ نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قانداق قوزغاش توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تاغ باغرىدىن يول قېزىپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يول راۋانلاشقاندىن كېيىن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان دېھقانلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بەردۇق، باشقا دېھقانلار كۆرگەندىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىش ياكى ئىشلەمچىلەر ئەترىتىدە ئىشلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى.

  گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى مىڭخۇا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل خې ۋېيگو مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش مۇھىم ھالقا. نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك، ئاساسىي قاتلام پارتكوم شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر