باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئارزۇنى كەڭ زېمىندا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزايلى

2017.10.21 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ كاتتا مەرىكىسى ۋەتەن زېمىنىدا، خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشەنگەن روھنى سىرتقا تارىتىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ خورىغا جۆر بولدى.

  نەچچە كۈندىن بېرى، كىشىلەر تاراتقۇلارنىڭ «19-قۇرۇلتاي مەزگىلى»دىكى خەۋەرلىرىدىن 19-قۇرۇلتاي تەسىر كۈچىنىڭ قانچىلىك قىزغىن، دائىرىسىنىڭ قانچىلىك كەڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. مۇخبىرلار ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ، ئاشۇ لاي يۇقىدىن بەختنى، تەر تامچىلىرىدىن نەتىجىلەرنى كۆردى، 19-قۇرۇلتاي «مەن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلىدى. تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن چېگرا قاراۋۇلخانىسىغىچە، قار-مۇز قاپلىغان ئېگىزلىكتىن جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاللىرىغىچە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، كادىر-خىزمەتچىلەر ئۇلۇغ نەتىجىلەر ئۈچۈن شادلاندى، ئۇلۇغ دەۋرنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن روھلاندى. پارتىيەنىڭ كاتتا مەرىكىسى ۋەتەن زېمىنىدا، خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى يېقىنقى زاماندىن بۇيان كۆپ ئازاپ-ئوقۇبەت تارتقان جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ باي بولىدىغان، كۈچلۈك بولىدىغان ئۇلۇغ سەكرەشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدى.» تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئەينى ۋاقىتتىكى خەتەرلىك دولقۇنلاردا مۈشكۈل ئەھۋالدا يولغا چىققان كىچىك كېمە نۆۋەتتە ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ پاراخوتقا ئايلاندى، مۇشۇ تۈپ سەۋەپ باشتىن-ئاخىر خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، يەنى خەلق ئويلىغاننى ئويلىدى، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىدى.

  بۇ بىر يېڭى دەۋر. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ. 19-قۇرۇلتاي تاراتقان روھ ئۇ بىر ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشەنگەن روھ. 19-قۇرۇلتاينىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگىنى ئۇ مىليونلىغان خەلقنىڭ ئومۇمىي خورى. ئۇلۇغ كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سېلىنىۋاتىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلار ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلۇغ ئارزۇلار چاقىرىۋاتىدۇ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچى مۇجەسسەملىنىۋاتىدۇ.

  يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ. بۈگۈن، ئارزۇيىمىز كىتاب بولۇپ جۇڭگو زېمىنىغا يېزىلدى. ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىدە، ئەينى يىلدىكى «چوڭ ھۆددىگەر»لەرنىڭ باشلامچىسى ۋە يېڭى 18 بېيىش باشلامچىسى بىر جايغا يىغىلىپ، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر دوكلاتنى بىرلىكتە ئاڭلىدى. 39 يىل بۇرۇنقى قولنىڭ سۇرۇخ ئىزى شياۋگاڭ كەنتىنى ئاچلىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. بۈگۈن، قانداق قىلىپ يېزا ئىگىلىكى سىستېمىسىنى قۇرۇش، قانداق قىلىپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھازىر ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان يېڭى مەسىلىگە ئايلاندى. 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا بېرىلگەن يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ۋە «2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش» توغرىسىدىكى ۋەدە مىليونلىغان دېھقاننىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى ۋە يېڭى ئارزۇنى روياپقا چىقاردى. دەۋر ئوخشىمايدۇ، بۇرچمۇ ئوخشىمايدۇ، لېكىن، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، ھەرگىز توختاپ قالمايدىغان روھ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ، رېئال مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تۇتۇش قىلىدىغان يۆنىلىش باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ.

  دەسلەپكى نىيەت يۆنىلىشنى يېتەكلەيدۇ، بۇرچ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، كەلگۈسىدىكى رەڭگارەڭ يۆگىمە رەسىم ھەربىر ئادەمنىڭ قولىدىكى رەسىم قەلىمىگە باغلىق. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەم ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىندا، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى جەزمەن تېخىمۇ پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر